• دېتال تىلى:ئۇيغۇرچە
  • دەرىجىسى:
  • چوڭلىقى :‎4.29 GB
  • ھۆججەت شەكلى:‎.iso
  • زىيارەت سانى:
  • يوللانغان ۋاقتى:‎2010-11-17


چۈشەندۈرۈش

چۈشۈرلۈش سانى : []

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق تورداشلار قۇتيار تور بېكىتى نامىدىن ھەممىڭلارنىڭ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز. ھېيىتتا ھەر بىرسىڭلارنىڭ ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېنىڭلارنىڭ سالامەت ھېيىتڭلارنىڭ كۆڭۈللۈك ۋە خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز. قۇتيار تور بېكىتى قۇرۇلۇپ 3 ئايدىن ئاشقان، قۇتيار مۇنبىرى ئېچىلىپ بىر ئايدىن ئاشقان مانا مۇشۇ ئۇلۇغ قۇربان ھېيتتا قۇتيار تور بېكىتى بىر ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تۈزۈپ چىققان «قۇتيار يۇمشاق دېتاللار توپلىمى» نىڭ 1 – قىسىمى مانا بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ كۈندە ھەر قايسىڭلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ توپلامنى ياساشتىكى مەقسەد ھەر قايسى كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىر قىسىملىرى ھەقسىز بىر قىسىملىرى ھەقلىق دېتاللاردۇر. مەيلى ھەقلىق ياكى ھەقسىز بولسۇن بۇ دېتاللارنىڭ ئەسلى ھوقۇقى شۇ دېتالنىڭ ئاپتورىغا ۋە شۇ دېتالنى ياسىغان شىركەتكە تەۋەدۇر. ھەقلىق دېتاللارنى ئىشلىتىپ كېتىپ چىققان ئاقىۋەتكەن قۇتيار تور بېكىتى مەسئۇل بولمايدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ۋە ياكى شۇنىكدەك ئىقتدارى بار ھەقسىز دېتاللارنى ئىشلەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ. بۇ توپلام نۇرغۇن قېتىم سىناش، تەھرىرلەش ۋە تاللاش جەريانىدا پۈتۈپ چىقتى. بەلكىم يەنە شۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن قىلغان بولساقمۇ بەزى بىر قىسىم نوقسانلار كەمچىلىكلەر بار بولۇشى ئېنىق. جاھاندا ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا خاتالاشمايدىغان ۋە نوقسانسىز ئىشلار بولمىسا كېرەك ئەلۋەتتە. شۇڭا بۇ توپلامدا يولۇققان مەسىللەر بولسا بىۋاستە قۇتيار مۇنبىرىگە كىرىپ ياكى ھەر قايسى مۇنبەرلەردىكى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ يوللىساڭلار بىز كيىنكى قىسىمىدا ئاشۇ خاتالىق ۋە نوقسانلارنى تۈزەتكەن ئاساستا بىر قىسىم كەم قالغان دېتاللارنى قوشۇپ ئارتۇق قوشۇلۇپ قالغان دېتاللار بولسا چىقىرۋېتىپ 2 – قىسىمىنىمۇ بۇنىڭدىن ياخشى قىلىپ ئىشلەپ چىقىشقا تىرىشىمىز. توپلامدىكى بىر قىسىم دېتاللارنىڭ تىنچ ھالەتتە قاچىلاش پارامىتېرلىرىغا توغرا ھۆكۈم قىلالمىغاچقا ۋە ياكى ئامال بولمىغاچقا 5-6 خىل چوڭراق سىغىمدىكى دېتاللارنى تىنچ ھالەتتە يەنى بىر كۇنۇپكا بىلەن قاچىلاشقا ئىمكان بولمىدى. شۇڭا تورداشلار(ئىشلەتكۈچىلەر) توپلامدىكى دېتاللارنى قاچىلاشتىن بۇرۇن چوقۇم «تاللاپ قاچىلايمەن» نى تاللاپ ھەر بىر تۈردىكى دېتاللارنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىنى ئوقۇپ ئاندىن كېيىن شۇ بويىچە قاچىلاش ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللاپ قاچىلىسىڭىز تېزلاتىنچ ھالەتتە قاچىلاپ سىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. قول ئارقىلىق قاچىلاڭ دەپ ئەسكەرتكەن دېتاللارنى ئىمكان بار دىسكا مۇندەرىجىسىگە كىرىپ قول ئارقىلىق قاچىلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمىز ۋە ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. بارلىق دېتاللارنى قارا قۇيۇق بىراقلا قاچىلايمەن دېسىڭىز بەلكىم 1 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىىشى مۇمىكىن. شۇڭا يۇقىردا دېگەن ئۇسۇلدا قاچىلاڭ. يەنە بىز تورداشلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن «قۇتيار كۈيچىسى» دېگەن قويغۇچنى توپلامغا بېكىتىپ دېتال قاچىلاپ بولغۇچە تورداشلارنى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ 3 خەلق مۇزىكىسىنى قوشۇپ قويدۇق. (دىل كۈيى، ئەجەم، چىمبۇلاق قاتارلىقلار) ئاستىدىكى قويۇش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ مۇزىكا ئاڭلىغاچ دېتاللارنى قاچىلاشقا بۇيرۇق بېرىپ قويسىڭىز بولىدۇ. خوش ئۇنداق بولسا توپلامنى چۈشۈرۈپ بولغۇچە توپلامنىڭ تۆۋەندىكى رەسىملىرىنى كۆرۈڭ تۇرۇڭ. بۇ دىسكا قوزغالغاندىكى كۆرۈنۈش

 

بۇ توپلام قوزغالغاندىكى كۆرۈنۈش

دېتاللاردىن  بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر
 

 

 

 

 بۇ بولسا دېتاللارنى قاچىلاۋاتقاندىكى ھالەت
 

12.jpg

 

قالغىنىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ


چۈشۈرۈش ئادرېسى

ئەسكەرتىش: پىرىستىن يېشىش پارولى كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىنسا www.qutyar.net نى كىرگۈزۈڭ.

  • 1.بېكىتىمىزگە يوللانغان يۇمشاق دېتاللار ھەر خىل قىستۇرما قوراللار، ئېلانلار ۋە ۋىرۇستىن خالىي بولۇپ، گەرچە مۇلازىمېتىردا ۋىروس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ ھەر ئېھتىمالغا قارشى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم ۋىرۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن ئىشلىتىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز.
  • 2.بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن دېتاللار ئەگەر سىزگە ئىقتىسادىي ۋە ياكى باشقا زىيانلارنى كەلتۈرسە بىز ئىگە بولمايمىز ، ئەگەر ئەنسىرسىڭىز ئىشلەتمەڭ .
  • 3. بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن دېتاللارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىشىگە، خالىغانچە سېتىشىغا بىردەك يول قويۇلمايدۇ بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە بېكىتىمىز بىردەك مەسئۇل بولمايدۇ.
  • 4. بېكىتىمىزگە يوللانغان دېتاللار پەقەت تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلغان بولۇپ، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، بىز دەرھال چىقىرىپ تاشلايمىز.
جەمئىي پارچە ئىنكاس بار ئىنكاس يوللاش
ئــــــىســـــــىـــم: ئىم:
دەلىللەش كودى: نامسىز يوللاش
ئەسكەرتىش : قالايمىقان ئىنكاسلارنى يازماڭ ،سىستېما IP رىڭىزنى خاتىرلەپ ماڭىدۇ،قالايمىقان ئۇچۇر يوللىسىڭىز ئۇچۇرىڭىزنى ج خ ئورۇنلىرىغا يوللاپ بېرىمىز . ئۇيغۇرچە ئىنگىلىزچە ئارىسدا Ctrl+K كونۇپكىسى ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالايسىز.